ئىغدىردىكى «گۆككۇشاغى تەپەلىرى» سىلەرنى كۈتمەكتە

ئىغدىرغا جايلاشقان ۋە ئوخشىشى تولىمۇ نادىر ئۇچرايدىغان تەبىئەت گۈزەللىكلىرىدىن بىرسى «گۆككۇشاغى تەپەلىرى» (يەنى، ھەسەن –  ھۇسەيىن چوقۇلىرى) ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.

gokkusagi tepeleri1.jpg
gokkusagi tepeleri2.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇزلا ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى كۆلىمى مىڭلىغان گېكتار كېلىدىغان «گۆككۇشاغى تەپەلىرى» (ھەسەن ھۇسەيىن چوقۇلىرى) قېزىل، جېگەر رەڭ، كۈل رەڭ ۋە سېرىق رەڭلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ھەقىقەتەن سەيلە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەنزىلەرنى سۇنىدۇ.  

رايوننىڭ ساياھەت ساھەسىگە بايلىق قوشىدىغان بۇ چوقۇلار رەڭگا رەڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرماقتا.

تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى قوينىغا ئالغان بۇ رايوننى بولۇپمۇ «گۆككۇشاغى تەپەلىرى» (ھەسەن ھۇسەيىن چوقۇلىرى)نى چەتئەللىكلەرگە ساياھەت قىلدۇرماقتا. 

تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە، ناھچىۋان ۋە ئىران چېگرا رايونىغا جايلاشقان بۇ رەڭگا رەڭ، ھەر خىل چوڭلۇقتىكى چوقىلار كۆرگەنلەرنى مەپتۇن قىلماقتا.

ئەنگلىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى ئاسىف ئىقبال «گۆككۇشاغى تەپەلىرى» (ھەسەن ھۇسەيىن چوقۇلىرى) غا ھەيران قالغانلىقىنى ئاڭلاتتى. چوقۇنىڭ ئۈستىگە چىققىنىدا ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرىنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇ يەرلەر بەك ئېسىلكەن. ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.  بۇ يەرلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم كېلىمەن. بولۇپمۇ بىز زىيارەت قىلغان غارلارنى ۋە بۇ چوقۇلارنى دوستلىرىمغا ئاڭلىتىمەن» دېدى. 

رومېنىيەدىن ساياھەتكە كەلگەن فىلىپ كاتالىنامۇ رايوننىڭ تولىمۇ گۈزەل تەبىئىي قۇرۇلمىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يەرنى ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم. دوستلىرىم ۋە ئائىلەم بىلەن بۇ گۈزەل يەرنى ۋە گۈزەل ئىنسانلارنى قايتىدىن كۆرۈشنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر