ئورېشكىن: خىتاي - ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز

رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ماكسىم ئورېشكىن خىتاي - ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تەسىرلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن خىتاي ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئورېشكىن: خىتاي - ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكسىم ئورېشكىن رۇسىيەنىڭ گورنو ئالتايسىك شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن يالقۇنلاشقا باشلىغان سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختالدى.

ماكسىم ئورېشكىن خىتاي - ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغىمۇ چەكلىغۇچ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق ھەممە نەرسە بىزنىڭ قولىمىزدا. ئىچكى تەرەققىياتىمىزغا ۋە تاشقى بازارلاردىكى پۇرسەتلەرگە مەركەزلىشىشىمىز لازىم» دېدى. 

ئورېشكىن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئاستىلاشنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئاستىلاشقا قارىماستىن، رۇسىيەنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ھەسسىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە خىزمەتلەرنى قىلماقتىمىز. بۇ ئارقىلىق خىتاي - ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقتىمىز» دېدى.

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرزېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلارغا %10 لىك قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويغانلىقىنى جاكالىغاندىن كېيىن، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر