خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي خەلق بانكاسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە «تاشقى پېرېۋوت ئالدامچىسى» دەپ تۆھمەت قىلىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق بانكاسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. بانكانىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى تاشقى پېرېۋوت ئالدامچىلىقى قىلغان دۆلەت دېگەنلىكىگە قارىتا: «بۇنىڭدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، خىتاينى بۇنداق دېيىشنىڭ خەلقئارالىق پىرىنسىپلارغا زىيان سالىدىغان، دۇنيا ئىقتىسادى، شۇنداقلا پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە بىكىنمىچىلىككە ئىگە پوزىتسىيە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي پۇل بىرلىكى يۈەن يېقىنقى 11 يىلدىن بۇيان دوللارغا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، خىتاينى تاشقى پېرېۋوت ئالدامچىلىقى قىلش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ يۈەننىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈشى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە %10 تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يۈز بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر