ياۋروپا ئىتتىپاقى باجنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا قوشۇمچە باج قويغان تەقدىردە، 35 مىليارد دوللار قىممىتىدە سودا ساھەسىدە ئۆچ ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1241500
ياۋروپا ئىتتىپاقى باجنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى مالمسترۆم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا سودا كومىتېتىدا سۆز قىلدى.

بىر تەرەپلىمە سودا سىياسەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن مالمسترۆم، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ۋە قىممەت – قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان سودىنى ياقلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئامېرىكا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارغا قوشۇمچە باج قويغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ ساھەدە مۇئەييەن مىقدار ياكى ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مالمسترۆم، ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قوشۇمچە باج قويۇلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 35 مىليارد دوللارلىق ئۆچ ئېلىش تىزىملىكىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر