تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېكىسپورت پويىزى قاتنىشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تۇنجى ئېكىسپورت پويىزى تۈنۈگۈن ئەرزۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق گىرېتسىيەگە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

1241392
تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېكىسپورت پويىزى قاتنىشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۆمۈر يوللىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېھسان ئۇيغۇن، – گىرېتسىيە تۆمۈر يوللىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەيۋىد پېرادزې ۋە باشقا دائىرىلەر قاتناشتى.

ئۇيغۇن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەھمىيىتى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تۆمۈر يولى ساھەسىگە يەر شارى خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، 2017 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بۇ لىنىيە ئارقىلىق ھازىرغىچە تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا يۈك توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغان دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت گىرېتسىيەنىڭ تۆمۈر يولللىرى باش ئىدارىسى بىلەن ئېلىپ بېىلغان سۆھبەتتىن كېيىن، 17 – ئىيۇن كۈنى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بىز يولغا سېلىۋاتقان  ۋە تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى ئېكسپورت پويىزى ئەنە شۇ كېلىشىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇر. بۈگۈن گىرېتسىيە ۋە تۈركىيەگە نىسبەتەن تارىخىي بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. لايىھەگە ھەسسە قوشقان بارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر