تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئېكسپورت سودا پويىزى ئەتە يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان تۇنجى ئېكسپورت سودا پويىزى ئەرزۇرۇم پالاندۆكەن تىرانسپورت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن يولغا چىقىدۇ.

1240273
تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئېكسپورت سودا پويىزى ئەتە يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۆمۈر يېپەك يولى» دەپمۇ بىلىنىدىغان باكۇ تىبلىس قارس تۆمۈر يولى لېنىيەسىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن تۈركىيە ۋە رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۈك تىرانسپورتىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى.

تۈركىيە - گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا قاتناشنى باشلىغان تۇنجى ئېكسپورت سودا پويىزى ئەتە تۈركىيە ۋاقتى سائەن 15:00 تە ئەرزۇرۇم  پالاندۆكەن تىرانسپورت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن يولغا چىقىدۇ.

تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن گىرۇزىيە ۋاگونلىرىدىن تەشكىللەنگەن يۈك پويىزى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى ئېكسپورت سودا پويىزى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر