ترامپ: ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ماللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىشىغا يول قويمايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ماللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1233191
ترامپ: ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ماللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھىندىستان ئۇزۇندىن بۇيان  ئامېرىكا ماللىرىدىن  باج ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودى ئالدىنقى ئاي ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنمۇ، ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بايانات ئېلان  قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى: «ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ماللىرىدىن باج ئېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.» ئەمما ترامپ مودى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا، «سودا مەسىلىسىدە قەتئىي بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز» دېگەنىدى.

ھىندىستان ۋاشىنگتون تەرىپىدىن تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە سۇنۇلغان ۋە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاموژنىسىز ھالدا كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان «كەڭ دائىرىلىك سودا ئىمكانىيەتلىرىدىن تاللاش تەرىقىسىدە بەھرىمەن بولۇش سىستېمىسى» پىروگراممىسىدىن مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغانىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن ھىندىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 28 تۈرلۈك مالدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە ئىران مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ھەم ئۆزئارا سودا رىقابىتى تۈپەيلى بارغانسېرى يىرىكلەشمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر