بېلگىيە ئىنتېرنېت خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى  تېز بولمىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىدى

ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسى پايتەخت بىريۇسسېلدا تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت  مۇلازىمىتىنىڭ ئاستا بولۇشى سەۋەبلىك بېلگىيەگە 5 مىڭ ياۋرولۇق پۇل جازاسى كەستى.

1233125
بېلگىيە ئىنتېرنېت خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى  تېز بولمىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى لىيۇكسېمبۇرگتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى بولغان ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسى، بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كەڭ بەلۋاغلىق ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھە بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلماسلىقى سەۋەبلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئەرز توغرۇلۇق چىقارغان قارارىدا، بىريۇسسېلدىكى  تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت  مۇلازىمىتى ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن، بېلگىيەگە 5 مىڭ ياۋرولۇق پۇل جازاسى كەستى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بېلگىيەنىڭ مەزكۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلغانغا قەدەر ھەر كۈنى پۇل جازاسى تۆلىشى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر