ئارگېنتىنا ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزمەكچى

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ماۋرىسىيو ماكرى (Mauricio Macri) جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى (MERCOSUR) ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە كېلىشىش ئۈچۈن بىرازىلىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1230713
ئارگېنتىنا ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ماۋرىسىيو ماكرى ئوتتۇرا تىپلىق شىركەتلەر كونفېدېراتسىيەسىنىڭ پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ تارىخىي پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «مەھسۇلاتلىرىمىزغا بولغان تەلەپ ئاشىدۇ. غېرىبلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەييارلىشىمىز لازىم. بۇ يىل كانادا بىلەن كۆرۈشىمىز، كېلەر يىلىدا جەنۇبىي كورېيە كۈنتەرتىپىمىزدە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ ئارگېنتىنا بازىرىغا زىيان بەرمەيدىغانلىقىنى، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيانىڭ ئارگېنتىنا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن بىرازىلىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى» دېدى.

ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، پاراگۋاي ۋە ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا بولغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرى، بۇندىن 20 يىل بۇرۇن باشلانغان ئىدى. مەزكۇر كېلىشىم، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تاموژنا بېجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىل، ماشىنا، خىمىيە ۋە تېببىي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىۋاتقان باج نىسبىتىنى چۈشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كېلىشىم دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى ئوخشىمىغان يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىۋاتقان يۇقىرى باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرىغا ئەزا دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، گۆش، توخۇ گۆشى ۋە شېكەر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ئاسان ساتالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر