پۇتىن INNOPROM خەلقئارا سانائەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، تۈركىيە شېرىك دۆلەت سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدىغان رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان INNOPROM خەلقئارا سانائەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.

1230971
پۇتىن INNOPROM خەلقئارا سانائەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، پۇتىننىڭ 8- ئىيۇلدىن 11 – ئىيۇلغىچە يېكاتېرىنبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان INNOPROM يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىننىڭ يەرمەنكە جەريانىدا ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىغان ئەسكەرتكەن پېسكوۋ، ئۇنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سانائەتلىشىش يىغىنىدا سۆز قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

INNOPROM غا تۈركىيەدىن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بىلەن بىرلىكتە كۆپ ساندا ئەمەلدار ۋە شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

مىنىستىر ۋارانكنىڭ يەرمەنكە جەريانىدا رۇسىيە سودا – سانائەت مىنىستىرى دېنىس مانتۇروۋ ۋە باشقا رۇسىيەلىك ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر