ئەينى چاغدا 217 دوللارغا سېتىۋىلىنغان لېنتا ئەمدىلىكتە 2 مىليون دوللارغا سېتىلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئاجانتاسى «NASA» تەرىپىدىن خاتا ھالدا 1976 – يىلى 217 دوللارغا سېتىلغان، ئايغا تۇنجى قەدەم باسقان چاغنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 لېنتا تالاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان بولدى.

1229630
ئەينى چاغدا 217 دوللارغا سېتىۋىلىنغان لېنتا ئەمدىلىكتە 2 مىليون دوللارغا سېتىلىشى مۇمكىن

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «CNN» قانىلىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنساننىڭ ئايغا قەدەم بېسىشىنىڭ 50يىلى ھېسابلىنىدىغان 20 - ئىيۇل كۈنى، بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چاغنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيى «Sotheby’s» تەرىپىدىن سېتىشقا سۇنىلىدىكەن.

بۈگۈنگە قەدەر ساق -سالامەت مۇھاپىزەت قىلىنىپ كەلگەن 2 يېرىم سائەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 لېنتىنىڭ ئىچېلىش باھاسى 700 مىڭ دوللار دەپ بېكىتىلدى.  

بۇ لېنتىلارنىڭ 2 مىليون دوللارلىق خىرىدارغا ئىگە بولالايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

لېنتىلاردا ئالەم ئۇچقۇچىسى نېل ئامستروڭنىڭ ئايغا تۇنجى قەدەم باسقان ۋاقىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى پىرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ نۇتۇق سۆزلىگەن كۆرۈنۈشلىرى بارلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بۇ كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالغان لىنتىلار 1976يىلى ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئاجانتاسى «NASA»نىڭ پراكتىكانتى گارىي گېئورگىغا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خاتا ھالدا باشقا 65 لېنتا بىلەن بىرگە 217 دوللار 77 سىنتقا سېتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر