ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ سودا سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى.

1227388
ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ سودا سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى، دونالد ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينى ئورتاق گۈللەندۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، ئىككى رەھبەرنىڭ، ئامېرىكا – خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سودا سۆھبەتلىرىنى باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭىدىن قوشۇمچە باج قويمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا سۆھبەتلىرى خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى مۇئەييەن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر