تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يىراق شەرق بازارلىرىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يىراق شەرق بازارلىرىدىكى يولۇچىلىرىنىڭ سانى 5 ئاي ئىچىدە 2.3 مىليون كىشىگە يەتتى.

1226295
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يىراق شەرق بازارلىرىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيى ئىچىدە، يىراق شەرق بازارلىرىدىكى يولۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى  % 82 بىلەن، % 4.3 يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ  يىراق شەرق بازارلىرىدىكى يولۇچىلىرىنىڭ سانى 5 ئاي ئىچىدە 2.3 مىليون كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يېڭى كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانلىرىنىڭ فىلوسىغا داخىل قىلىنىشى بىلەن يىراق شەرق بازارلىرىدا يېڭى ئۇچۇش لىنىيەلىرىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر