ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىيېتنام يىلىغا 54 مىليارد ياۋرولۇق ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىيېتنام بىلەن 30 – ئىيۇندا ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزىدىغان بولدى.

1225038
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىيېتنام يىلىغا 54 مىليارد ياۋرولۇق ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئارقىلىق سېلىنمىلارنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىنىشىغا تەستىق سالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۇ تەستىققا بىنائەن مەزكۇر كېلىشىملەر 30ئىيۇندا ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئىمزالىنىدۇ. 

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر 2012يىلى باشلانغان بولۇپ، 2015يىلى تاماملانغان ئىدى.

بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپ تاموژنىلىرى %99 مەھسۇلاتتىن تۈرلىرىگە كۆرە 10 يىلغىچە تاموژنا بېجى ئالمايدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تەخمىنەن 95 مىليون نوپۇسقا ئىگە ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدا يىلىغا 50 مىليارد ياۋرولۇق مال ۋە 4 مىليارد ياۋرولۇق خىزمەت تىجارىتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 

ۋىيېتنام ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، كىيىم كېچەك، يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىيېتنامغا، زاۋۇت، ماشىنا، قاتناش، خىمىيە ۋە يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر