Volkswagen تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى (Volkswagen) شىركىتى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى.

1224765
Volkswagen تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى (Volkswagen) شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ھېربېرت دىئېس تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى، ھەمدە  ئالاقىدار تارماقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.  يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇزاكىرىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن بولۇپ، شىركەتكە نىسبەتەن تۈركىيە ئالاھىدە مەبلەغ سالىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر