تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 5 ئاي ئىچىدە 28.5 مىليون يولۇچىنى توشۇغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 2019 – يىلى يانۋاردىن مايغىچە بولغان ئارىلىقتا يولۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ 28.5 مىليونغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
1224762
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار سانىدا تاشقى لىنىيەلەردە % 1.0 لىك، تىرانزىت يولۇچىلار سانىدا بولسا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 2.4 لىك ئېشىش كۆرۈلگەن.