ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرگە پايدىلىق بولدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشى ئاسىيا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىىي سوممىسىنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ ئەھۋالنى پايدىلىق ھالەتكە ئايلاندۇرالىدى.

1221880
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرگە پايدىلىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا نوپۇس ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى سودىسىنىڭ %82.5 نى تەشكىل قىلىدىغان 10 چوڭ سودا شېرىكى بىلەن تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن.

ئامېرىكانىڭ ئاسىيا قىتئەسى بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىسى 2019يىلىنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 2018 يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %2.5 تۆۋەنلىگەن.

ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تاشقى سودىسىدىكى قىزىل رەقەم نىسبىتى %1.4 كەينىگە چېكىنگەن.

ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويۇشى، بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىسىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق بولغان.

جەنۇبىي كورېيە ۋە ۋېيېنتام بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. 

 بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تاشقى سودىسى %52.6 يۇقىرى ئۆرلىگەن. ۋېيېنتامنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تاشقى سودىسى %43.5 يۇقىرى ئۆرلىگەن.

دېكابىر ئېيىدىن ئاپرېل ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە ۋېيېتنامنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورت سودىسى %38.3 يۇقىرى ئۆرلىگەن. جەنۇبىي كورېيەنىڭ %17.1 يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋەزىيەتتە ھىندىستاننىڭ ئېكسپورت سودىسى %12.5 لىك ئېشىش بىلەن ئاسىيادا 3ئورۇنغا ئۆتكەن.

بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنە، ئامېرىكادىن ئىمپورت سودىسىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەت %17.5 بىلەن ھىندىستان بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر