تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە ۋىلايىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان گىلاس كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا

تۈركىيەنىڭ  ئەدىرنە ۋىلايىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «‹چەرىباشى› گىلاسى» گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا.

1219960
تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە ۋىلايىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان گىلاس كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنە ۋىلايىتىنىڭ ئەنەز ناھىيەسىگە قاراشلىق چەرىباشى يېزىسىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان «‹چەرىباشى› گىلاسى» گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا.

«‹چەرىباشى› گىلاسى» نى بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 400 توننىغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە.

ئەدىرنە بويىچە مېۋە – چېۋە ئېكسپورت قىلىدىغان بىردىنبىر يېزا ھېسابلىنىدىغان چەرىباشى يېزىسىدا  ئىشلەپچىقىرىلغان گىلاسنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى چەت ئەللەرگە سېتىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر