ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ئىراننىڭ نېفىت شېتىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولاردىن ھېچقانداق دۆلەتنىڭ مۇستەسنا تۇتۇلمايدىغانلىقىنى ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئىراننىڭ نېفىت سېتىشىنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1211596
ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ئىراننىڭ نېفىت شېتىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس (Morgan Ortagus) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئامېرىكا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولار دائىرىسىدە ئىراندىن نېفىت سېتىۋالغان ھىندىستان ياكى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەسنا تۇتۇلىدىغان ياكى تۇتۇلمايدىغانلىقى سوئالىغا: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ سىياسىتى ئىراننىڭ نېفىت سېتىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش. بۇ مەسىلىدە ھەر قانداق مۇستەسنالىق يوق. بىر يىل بۇرۇن نۇرغۇن كىشى ئۆز ئالدىغا يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما دەل ئەكسىچە، ئىشقا يارىدى. نۇرغۇن كىشى دۇنيانىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ ئېمبارگولىرىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما بويسۇندى. بۇ مەسىلىگە ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان ياۋروپا شىركەتلىرى ۋە بانكالىرىمۇ ئىراندىن چېكىنىپ چىقىپ، ئېمبارگولىرىمىزغا بويسۇندى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر مۇزاكىرە قىلىنغان «جىددىي ئەھۋال يىغىنى» ھەققىدىكى سوئالغا: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن رايونلۇق تەھدىتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز. رايوننىڭ تېخىمۇ مۇقىم ۋە خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ ئىران بىلەن كۈرەش قىلىشتا، ئوخشاش پىكىرگە كەلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ھۇرمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى تۇرۇبا يولىغا ۋە نېفىت ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، جىددىي ئەھۋال يىغىنى ئېچىشنى چاقىرىق قىلغان بولۇپ، مىسىر، پەلەستىن، كۈۋەيت، ئىيوردانىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر