ئىتالىيەدىن 1 ياۋروغا 1 ئۆي سېتىۋېلىشنى خالامسىز؟

ئىتالىيەنىڭ سىجىليا شەھىرىدە 11 مىڭ ئۆي 1 ياۋرودىن سېتىشقا سۇنۇلدى.

1197589
ئىتالىيەدىن 1 ياۋروغا 1 ئۆي سېتىۋېلىشنى خالامسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىجىلىيا شەھىرىدىكى مۇسسومېلى رايونلۇق ھۆكۈمىتى، رايوننى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر لايىھە باشلىدى.

سىپۇتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارغانسېرى نوپۇسى ئازىيىپ كېتىپ بارغان يېزىنى قايتىدىن ئاۋاتلاشتۇرۇش، بىناكارلىق مىراسىنى قوغداش ۋە ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە، رايونلۇق ھۆكۈمەت رايوندا تاشلاپ قويۇلغان 11 مىڭ كونا ئۆينى ئىنتېرنېت ئارقىلىق 1 ياۋرودىن سېتىشقا چىقارغان. 

ئوتتۇرا ئەسىردىن قالغان تارىخىي قەلئەلەر ۋە چېركاۋلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندا، سېتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلانلار ئېسىلدى.

ئېلان ئىسىلغان كونا ئۆيلەرنى ئۈستىدىكى نومۇر بويىچە «www.case1euro.it» ئىنتېرنېت ئادرېسىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

رايونغا بارالمايدىغانلار ئىنتېرنېت تورىدا نومۇر قويۇلغان بارلىق ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ كۆرەلەيدۇ.

ئۆينى 1 ياۋروغا سېتىۋالغاندىن كېيىن، تاپىسىغا ئىگە بولۇشنىڭ بىردىنبىر شەرتى رېمونت قىلدۇرۇش.

رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆينى سېتىۋالغانلاردىن 8 مىڭ ياۋرو كاپالەت پۇلى ياتقۇزۇشنى ۋە ئۆينىڭ ھەر بىر كىۋادىرات مېتىرىغا 107 دوللار خىراجەت قىلىپ رېمونت قىلدۈرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

رېمونت قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن كاپالەت پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۆينىڭ تاپىسىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر رېمونت قىلدۇرۇلمىغان تەقدىردە كاپالەت پۇلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

يېزىدا رېمونت ئىشلىرىنى قىلدۇرغىلى بولىدىغان ئىنژېنېر ۋە قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنىڭ بارلىقى، بىراق  ئۆي ئىگىسى خالىسا، ئۆزلىرى رېمونت گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ كەلسىمۇ بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر