مىسىر بىلەن خىتاي دەسلەپكى قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى

مىسىر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قاھىرەدە بىنا قىلىنىدىغان يېڭى مەمۇرىي پايتەختنىڭ مەركىزىي خىزمەت رايونىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان قەرزنىڭ دەسلەپكى قىسمى ئۈچۈن ئىمزالارنىڭ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1191677
مىسىر بىلەن خىتاي دەسلەپكى قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا پايتەخت قاھىرەنىڭ شەرقىدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان يېڭى مەمۇرىي پايتەختنىڭ مەركىزىي خىزمەت رايونىنىڭ ئىنشائاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جەمئىي 3 مىليارد دوللارلىق قەرز كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى قىسمى ئۈچۈن ئىمزالار قويۇلدى.

مىسىر تۇرالغۇ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى مەمۇرىي پايتەختتە مەركىزىي خىزمەت رايونى بىنا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 3 مىليارد دوللارلىق قەرزنىڭ 834 مىليون دوللارلىق دەسلەپكى قىسمى ئۈچۈن ئىمزا قويۇلغان. لايىھەنى پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي بانكالىرى بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا، مىسىرنىڭ تۇرالغۇ مىنىستىرى ئاسىم ئەلجەززار قاتناشقان.

ئىمزا قويۇلغان دەسلەپكى قەرز قىسمىنىڭ، يېڭى پايتەختكە سېلىنىدىغان يەتتە ئېگىز بىنانىڭ پىلان قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىسىر تۇرالغۇ مىنىستىرى ئاسىم ئەلجەززار ئوخشىمىغان مەقسەتلەردە سېلىنىدىغان جەمئىي 20 ئېگىز بىنانىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ 385 مېتىر ئېگىزلىكى بىلەن ئافرىقادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى مەزگىلىدە قاھىرەنىڭ شەرقىدە ۋە سۇۋەيىش قانىلى ئەتراپىدا قۇرۇلۇشى باشلانغان يېڭى مەمۇرىي پايتەختكە، 6.5 مىليون نوپۇس سىغىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر