ھامانىي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانىي ئىراننىڭ ئېھتىياج بولغان مىقداردا نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىت سودىسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1189123
ھامانىي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەھبىرى ھامانىي پايتەخت تېھراندىكى تۇرالغۇسىدا چوڭ بىر ئىشچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئامېرىكىنىڭ «يول قويۇشلارغا خاتىمە بېرىش» باياناتى ئۈستىدە توختالدى.

ھامانىي «ئۇلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى ھېجبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئېھتىياجىزغا كۆرە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۇلارمۇ دۈشمەنلەرچە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ جاۋاپسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم» دېدى. 

ئامېرىكىنىڭ ئىراننى تىز پۈكتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھامانىي، «ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى خىيال قىلىشىدۇ. لېكىن قودرەتلىك خەلقىمىز ۋە سەگەك مەسئۇللىرىمىز ئەگەر بىجانىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلسىلا بۇ چېگىشلەرنىمۇ ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. بۇ خىل نېفىت سېتىشلىرىغا قانچىلىك ئاز مەھكۇم ھالغا كەلسەك، شۇنچە ئېسىل ئىش بولىدۇ. بۇ بىزگە نىسبەتەن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىلگىرى ئىران نېفىت تىجارىتىگە يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگولاردا، نېفىت سېتىۋىلىشغا يول قويۇلغان تۈركىيە قاتارلىق 8 دۆلەتكىمۇ ئەمدىلىكتە بۇ ئېىمبارگودىن ئايرىم مۇئامىلە قىلىش ھوقۇقى بەرمەيدىغانلىقلىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر