تۈركىيە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە گىلاس ئېكسپورت  قىلىدۇ

تۈركىيە خىتاي، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە گىلاس ئېكسپورت قىلىدۇ.

1187780
تۈركىيە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە گىلاس ئېكسپورت  قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – خىتاي سودا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئېھسان بەشەر، ئافيونقاراھىساردا  بەرگەن باياناتىدا، بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم گىلاس ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان گىلاسنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايغا ئۇدا بەش يىلدىن بۇيان گىلاس ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك مېۋە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، يېقىندا جەنۇبىي كورېيە بازىرىغىمۇ كىرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا، خىتاي ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا گىلاس ئېكسپورت قىلىش كۈنتەرتىپىمىزدە تۇرۇۋاتىدۇ. خىتايغا ئۇدا 5 يىلدىن بۇيان گىلاس ئېكسپورت قىلىۋاتىمىز، بۇ پائالىيەتلىرىمىز مېۋە بېرىشكە باشلىدى. خىتاي گىلاس سودىسى ئۈچۈن مۇھىم بازار ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا جەنۇبىي كورېيە بازارلىرىغىمۇ كىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر