رۇسىيە ئۇكرائىناغا نېفىت سېتىشنى چەكلىدى

رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ ئۇكرائىناغا نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى سېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1186011
رۇسىيە ئۇكرائىناغا نېفىت سېتىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئېمبارگولىرىغا جاۋابەن، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنادىن بەزى ماللارنىڭ رۇسىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن تىزىملىكنى كېڭەيتكەنلىكلىرىنى، ئۆتكەن يىلقى قىممىتى 250 مىليون دوللارلىق ماشىنا مەھسۇلاتلىرى، يېنىك سانائەت ۋە مېتال پىششىقلاپ سانائىتى ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بەزى رۇسىيە ماللىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئالاھىدە رۇخسەت شەرتى ئاستىدا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىناغا رۇسىيە نېفىتى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلەندى. ئېمبارگو قارارى بىر قانچە كۈن بۇرۇن مىنىستىرلار كېڭىشىدە تەستىقلاندى» دېدى.

ئۇكرائىنا يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيەدىن ئېلىنغان تۆمۈر يولى ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە، ئاپتوماتىك خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ۋاگونلاردا قوللىنىلىدىغان بەزى زاپچاسلارنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، يېمەك-ئىچمەك بولاقلىرىدا قوللىنىلىدىغان رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان شىشە، كونسېرۋا قۇتىلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولاق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئېمبارگو تىزىملىك ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىس سەۋەبىدىن 2014-يىلىدىن بۇيان موسكۋاغا قارشى ھەر خىل ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يولغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر