تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئورتاق سېلىنما فوندى قۇردى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 900 مىليون ياۋرو سەرمايىگە ئىگە «تۈركىيە – رۇسىيە سېلىنما فوندى» قۇرۇلدى.

1179871
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئورتاق سېلىنما فوندى قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركىيە – رۇسىيە سېلىنما فوندى» ئىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىش بىلەن باشلايدۇ.

تەرەپلەر، ھەر ئىككى دۆلەتتە تېخنولوگىيە، سەھىيە ۋە ئۈستقۇرۇلما دېگەندەك مۇھىم ساھەلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

رۇسىيە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش فوندى باشلىقى كىرىل دىمىترىيېۋ، 900 مىليون ياۋرو سەرمايىلىك رۇسىيە – تۈركىيە ئورتاق سېلىنما فوندىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ ژۇرنالىستلارغا بايانات بېرىپ، «فوندىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق قىلدۇق، بۇ دائىرىدە ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئاخىرىدا قۇرۇلدى. فوندىنىڭ ئومۇمىي سەرمايىسى 900 مىليون ياۋرو» دېدى.

كىرىل دىمىترىيېۋ، مەزكۇر فوندىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سېلىنمىلارنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە بايلىق فوندىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، قارار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈنكى زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان.

ئەردوغان رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈنۈگۈن موسكۋادا كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر