تۈركىيە مارت ئېيىدا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان تۈركىيەنىڭ مارت ئېيىدا ئېكسپورتتا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1177298
تۈركىيە مارت ئېيىدا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەكجان ئەنقەرەدە تۈركىيەنىڭ مارت ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئېكسپورت ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مارت ئېيىدا ئېكسپورتىمىز % 0.5 ئېشىپ، 16 مىليارد 334 مىليون دوللارغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مارت ئېيىدا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان بولدۇق. 2019 – يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدا ئېكسپورتىمىز تارىخىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك رەقەم ھېسابلىنىدىغان 44 مىليارد 567 مىليون دوللارغا يەتتى. مارت ئېيىدا ئىمپورتىمىز % 17.81 ئازىيىپ، 18 مىليارد 299 مىليون دوللارغا تۆۋەنلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر