گازپروم بىرىنچى قېتىم رۇبلىغا تەبىئىي گاز ساتتى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم (Gazprom) نىڭ غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە رۇبلىغا تەبىئىي گاز سېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گازپروم بىرىنچى قېتىم رۇبلىغا تەبىئىي گاز ساتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم غەربىي ياۋروپاغا بىرىنچى قېتىم رۇبلىغا تەبىئىي گاز ساتتى.

گازپرومنىڭ ئېكسپورت قانىتى ھېسابلىنىدىغان گازپروم ئېكسپورت (Gazprom Export) نىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، غەربىي ياۋروپاغا رۇبلىغا بىرىنچى قېتىملىق تەبىئىي گاز سېتىشىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سېتىش مۇنبىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، گازپروم ئېكسپورتنىڭ باش مۇدىرى ئېلېنا بۇرمىستروۋا، «رۇبلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان تەبىئىي گاز سېتىشنىڭ پەقەت سودا خاراكتېرىلىكلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە سىمۋوللۇق مەنىگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ گازپروم ئېكسپورتنىڭ تارىخىدا غەربىي ياۋروپاغا رۇبلى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق تەبىئىي گاز سېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇبلىغا تەبىئىي گاز سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرغان ھالدا داۋام قىلىشنى خالايمىز» دېگەن.

ئېلېكتىرونلۇق سېتىش مۇنبىرى ياۋروپا ئىستېمالچىلىرىغا ئەسلىدە بار بولغان كېلىشىمنىڭ سىرتىدا قوشۇمچە تەبىئىي گاز سېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

رۇسىيە دائىرىلىرى ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويغان ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك، دۆلەت ئىقتىسادىدا دوللارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا.

رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ماكسىم ئورېشكىن، رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىقتىسادىنى «دوللارسىزلاشتۇرۇش» ئۈچۈن، ئوخشىمىغان قەدەملەرنىڭ بېسىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، 2018-يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە بانكىنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق زاپىسىنى يۈەن ۋە ياۋروغا ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر