تۈركىيە سومالىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودىكى «‹دېنىلى› مۇساپىرلار لاگېرى» دا ياشاۋاتقان 5 مىڭ ئائىلىگە كىيىم - كېچەك ياردەم قىلدى.

تۈركىيە سومالىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كىيىم – كېچەكلەرنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىغا، تۈركىيەنىڭ مۇقدىشو باش ئەلچىسى مەھمەت يىلماز، سومالى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇررېشىد مەھمۇد ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى مەسئۇللىرى قاتناشتى.

باش ئەلچى يىلماز مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ 2011 – يىلدىن بۇيان سومالىدا مۇھتاجلارغا داۋاملىق ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سومالى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇررېشىد مەھمۇد بولسا، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى ماختىدى، ھەمدە يېڭى كىيىم – كېچەكلەرنىڭ بولۇپمۇ مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بالىلارنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە،  بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلارنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان سومالىلىق مۇساپىرلار، پايتەخت مۇقدىشونىڭ دېنىلى رايونىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ناھايىتى قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ياشىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر