ۋولۋو شىركىتى ئاپتوموبىللىرىغا يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسى قويۇشنى قارار قىلدى

ۋولۋو شىركىتى، ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان بارلىق ئاپتوموبىللىرىغا «180» كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1157210
ۋولۋو شىركىتى ئاپتوموبىللىرىغا يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسى قويۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى شىۋېتىيەگە جايلاشقان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى – ۋولۋو بايانات بېرىپ، 2021 مودېلى ئاپتوموبىللارنىڭ «سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 180 كىلومېتىرغا چىقىدىغان» شەكىلدە ياسىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋولۋو شىركىتىنىڭ 2020 – يىللىق خىزمەت پىلانى دائىرىسىدە چىقىرىلغان قارارنىڭ مەقسىتى قاتناش ۋەقەلىرىدىكى يارىلىنىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرئەت كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە سۈنئىي ئوراش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشنى پىلانلاۋاتقان شىركەت، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ بار جايلاردا ئاپتوماتىك ھالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.


خەتكۈچ: #ۋولۋو , #سۈرئەت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر