دۇنيا بانكىسى تۈركىيەگە 900 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىدۇ

دۇنيا بانكىسى، تۈركىيەگە نۇقتىلىق ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ ئاپەتلەرگە قارىتا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش لايىھەسى دائىرىسىدە 900 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىدۇ.

دۇنيا بانكىسى تۈركىيەگە 900 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان «تۈركىيەدىكى نۇقتىلىق ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ ئاپەتلەرگە قارىتا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاپەت خەۋپى ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لايىھەسىگە ئالاقىدار ئىئانە كېلىشمى» رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، دۇنيا بانكىسى تۈركىيەنىڭ مالىيە جەھەتتە ياردەم بېرىش تەلىپىگە جاۋابەن، ياپونىيە بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئاپەت خەۋپىنى باشقۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش  ۋەخپى»، تۈركىيەنىڭ نۇقتىلىق ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ ئاپەتلەرگە قارىتا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش لايىھەسىگە 900 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر