شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىرانغا شەرتلىك ھالدا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى قارار قىلدى

شىمالىي ئىراق رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار ۋە نېفىت مىنىستىرلىقى ئىرانغا ئېكسپورت قىلىش توختىتىلغان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرتلىك ھالدا ئېكسپورت قىلىشنى قارار قىلدى.

شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىرانغا شەرتلىك ھالدا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى سۈلەيمانىيەگە جايلاشقان ن ر ت (NRT) تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان مىنىستىرلىق قارارنامىسىدە، 15-فېۋرال (جۈمە) دا شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش ھەققىدە چىقىرىلغان قاراردا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

قارارنامىدە، رايوندىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن چىقىرىلىپ، شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىنغان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ، ئېكسپورت چەكلىمىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىق قارارنامىسىدە يەنە، شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چەت ئەللەرگە ئەۋەتىشكە رۇخسەت بېرىلگەن ئەھۋالدا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەكلىمە ئىچىدە بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارشى پەيدىن-پەي يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقىسى 2018-يىل 5-نويابىردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق كۆپىنچىسى نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدىغان ئىران ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى كىسىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

پىرېزىدېنت ترامپ 3-يانۋار بۇ دائىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۈرت (كورد) لەرنىڭ قولىدىكى ئاز مىقداردىكى نېفىتنى ئىرانغا سېتىشىنى ياقتۇرۇپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كۈرتلەرگە ئىرانغا نېفىت ساتماسلىقىنى ئېيتتۇق» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر