ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى كۈنسىرى ئاشماقتا

ھىندىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سانجاي باتتاچاريا ھىندىستاندىن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 2017 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %80 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى كۈنسىرى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سانجاي باتتاچاريا تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇز تېيىلىش مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان ئەرزۇرۇمدىكى پالاندۆكەننى زىيارەت قىلىپ ساياھەت ساھەسى ئىمكانىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە پالاندۆكەندە مەشىق قىلدۇرغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇز تېيىلغانلىقىنى ھەمدە ئەرزۇرۇمغا قايىل بولغانلىقى ۋە ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

پالاندۆكەننىڭ مۇز تېيىلىش ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سانجاي باتتاچاريا «ھەقىقەتەن پالاندۆكەندە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇچ سىھرى كۈچ بار ئىكەن. ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەر ئاساسەن دېگۈدەك ياۋروپاغا ساياھەتكە بارىدۇ ياكى ھىمالاياغا بېرىپ مۇز تېيىلىدۇ. بىراق بۇ يەر يېڭى بىر ساياھەت بېكىتى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى تەبىئىي مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل» دېدى. ئەرزۇرۇمنىڭ تارىخى نۇقتىندىمۇ باي بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شەھەرنىڭ رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان كۈلتۈرلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمەن ئىستانبۇل، كاپادوكيا ۋە ئانتاليانى تاللاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەرزۇرۇم، ۋان كۆلى ۋە قارسمۇ ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرگە بىر ساياھەت پىلانى شەكلىدە سۇنۇلسا بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قارا دېڭىزمۇ ساياھەت ئىمكانىيىتى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مول يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر