ئەنگلىيەدە «Honda» زاۋۇتىنىڭ تاقىۋېتىلىشى تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 3500 خادىم ئىشسىز قالىدۇ

ئەنگلىيەدىكى ياپونىيەگە تەۋە «Honda» ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زاۋۇتىنىڭ تاقىۋېتىلىشى تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 3500 خادىمنىڭ ئىشسىز قېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيەدە «Honda» زاۋۇتىنىڭ تاقىۋېتىلىشى تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 3500 خادىم ئىشسىز قالىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ «Honda» ئاپتوموبىل شىركىتى ئەنگلىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى تاقايدىغان بولدى.

ئەنگلىيەنىڭ مېدىيا ئورگىنى «BBC» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، «Honda» نىڭ ئەنگلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىۋىندون شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتىنى 2022يىلى تاقىۋىتىش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرگە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دىندارلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى جۇستىن توملىنسون مەنبە كۆرسىتلىگەن بولۇپ، زاۋۇتنىڭ تاقىۋېتىلىشى تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 3500 خادىمنىڭ ئىشسىز قېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باش ۋەزىر تېرېسا مەي بولسا، «Honda» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ رەسمىي باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەقتە بايانات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشچىلار ئۈيۈشمىسنىڭ ۋەكىلى دېس كۇئىن: «ئەنگلىيەدە ئاپتوموبىل سانائىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، باش ۋەزىرنىڭ مەينىڭ ئۆزگەرمەس پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن «Brexit» يەنى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش) مەسلىسى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا» دېدى.

«Honda» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ سىۋىدوندىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يىلىغا تەخمىنەن 160 مىڭ دانە «Honda Civic» ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلماقتا ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەخمىنەن %90 ى دېگۈدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنماقتا ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر