رىياد بىلەن ئىسلامئاباد 20 مىليارد دوللار قىممىتىگە ئىگە سېلىنما كېلىشىمى ئىمزالىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پاكىستان، نېفىتخىمىيە، ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىك دېگەندەك ساھەلەر بويىچە 20 مىليارد دوللارلىق سېلىنما كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1147586
رىياد بىلەن ئىسلامئاباد 20 مىليارد دوللار قىممىتىگە ئىگە سېلىنما كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان پايتەخت ئىسلامئابادتىكى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تەخت ۋارىسى بولغان 2017 – يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى پاكىستانغا قاراتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يەرگە سېلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان سېلىنمىلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش توغرىسىدىمۇ كېلىشىملەرنى تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، 2030 – يىلىدىن كېيىن ساياھەتچى سانىنى ئۆزئارا 50 مىليونغا يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىمران خان بولسا، ساياھەتچىلىك ۋە نېفىتخىمىيە ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، پاكىستانلىق ھاجىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان سەپەرلىرى ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان تۈرمىلىرىدىكى 3 مىڭدىن ئارتۇق پاكىستان پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا نېفىتخىمىيە، كانچىلىق، چەككىلەش، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرى، مۇلازىمەت ساھەسى، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرى بويىچە 20 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر