يېڭى بىر قېتىملىق ئامېرىكا - خىتاي سودا سۆھبىتى بېيجىڭدا باشلاندى

خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سودا سۆھبەتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى پايتەخت بېيجىڭدا داۋاملاشماقتا.

يېڭى بىر قېتىملىق ئامېرىكا - خىتاي سودا سۆھبىتى بېيجىڭدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن ۋە سودا ئىشلىرى ۋەكىلى روبېرت لايتھايزېر بىلەن خىتاي مەركىزىي مالىيە ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى دىرېكتورى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ خې رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەتلەرنىڭ سودا سۆھبەتلىرىنىڭ بېيجىڭدا باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەتىگىچە داۋاملاشتۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىننىڭ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان 90 كۈنلۈك سودا سۈركىلىشىنى توختىتىش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن بۇرۇنقى ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنى بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلىنغان 90 كۈنلۈك سودا سۈركىلىشىنى توختىتىش مۇددىتى 1 – مارتتا توشىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۆھبەتنىڭ «ياخشى نەتىجىلەر» بىلەن ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

خىتاي ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتاي بىلەن كەڭ دائىرىلىك سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر تېپىلسا، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى.

كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى مالىيە مۇلازىمەتلىرىگە، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا، دېھقانلارغا ۋە باشقا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئەكسىچە بولغاندا، كېلىشىمنىڭ «قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي باش مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ خېمۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن 5 مىليون توننا پۇرچاق سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتلىرى بېيجىڭدا 7 – 9 – يانۋار كۈنلىرى سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە يىغىلغان، ئىككى كۈن داۋاملىشىشى پىلانلانغان سۆھبەتلەر ھەر ئىككى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قارارىغا ئاساسەن يەنە بىر كۈن ئۇزارتىلغان، بىراق سۆھبەتلەردە كونكرېت ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر