سەئۇدى ئەرەبىستاندا سۇمىتومو مىتسۇئىنىڭ تۇنجى شۆبىسى ئېچىلدى

ياپونىيەنىڭ سۇمىتومو مىتسۇئى بانكىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى شۆبىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى.

1142379
سەئۇدى ئەرەبىستاندا سۇمىتومو مىتسۇئىنىڭ تۇنجى شۆبىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇمىتومو مىتسۇئى بانكىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى شۆبىسىنى پايتەخت رىيادتا ئاچقان.

سۇمىتومۇ مىتسۇئى بانكىسى شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تسۇكاسا ئۇئېمۇرا، سۇمىتومو بانكىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە مالىيە مەسىلىسىدە يۇقىرى تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

باش ئەلچىسى تسۇكاسا ئۇئېمۇرا، بانكىنىڭ بۇ شۆبىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ياپون مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان 2014 – يىلى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېيىن، دۆلەتكە يېڭى سېلىنمىلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە چەت ئەل بانكىلىرىنىڭ شۆبىلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى قولايلاشتۇرۇش يولىدا قەدەم تاشلىغانىدى.

نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا 12 مەھەللىي، 13 چەت ئەل بانكىسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر