ئالبايراق: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي كۈچلۈك

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1131687
ئالبايراق: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي كۈچلۈك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەم رايون ھەم خەلقئارا مىقياستا چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر بەرات ئالبايراق، شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس بازىرىدا چاقىرىلغان 49 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان پۇل مۇئامىلىسى بازارلىرىنىڭ ئەھۋالى» تېمىلىق بۆلۈمىگە ئىشتىراك قىلدى. ئۇ بۇ يەردە سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆزى جايلاشقان رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىماي گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئالبايراق، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ 4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە رايوننىڭ ئەڭ مۇقىم دۆلىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت قەرزىنىڭ مىللىي كىرىمگە بولغان نىسبىتىنىڭ %28 ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قەرز باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە يولىنى ناھايىتى ئىجابىي شەكىلدە داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە ئىقتىسادى كۈچلۈك مۇۋازىنەتكە ئىگە. يازغا سېلىشتۇرغان تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىش ئېھتىماللىقى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر