مىللېر شىمالىي ئېقىم 2 قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز قىسمىنىڭ %20 ىنىڭ پۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى – گازپروم باشلىقى ئالېكسېي مىللېر، شىمالىي ئېقىم 2 گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1130799
مىللېر شىمالىي ئېقىم 2 قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز قىسمىنىڭ %20 ىنىڭ پۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى – گازپروم باشلىقى ئالېكسېي مىللېر، رۇسىيە گازىنى گېرمانىيەگە يەتكۈزۈشى پىلانلىنىۋاتقان شىمالىي ئېقىم 2 گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ %20 ىنىڭ پۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىللېر مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ پىلان بويىچە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «شىمالىي ئېقىم 2 نىڭ دېڭىز قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ %20 ى پۈتتى» دېدى.

10 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا چىقىم كېتىشى كۈتۈلۈۋاتقان شىمالىي ئېقىم 2 قۇرۇلۇشى بىلەن يىلدا 55 مىليارد كۇبمېتىر رۇسىيە گازىنى بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق گېرمانىيەگە ئېقىتىلىشى پىلانلانماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇكرائىنا، پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرى قارشى چىققان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ شېرىكلىرى ئارىسىدا گازپروم بىلەن بىرگە Shell، OMV، Engie، Uniper ۋە Wintershall غا ئوخشاش غەربنىڭ شىركەتلىرىمۇ بار.

گازپروم ئۆتكەن يىلى ياۋروپاغا 194 مىليارد 400 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر گازنىڭ %30 كە يېقىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر