2018- يىلى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان

ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 2018 يىلى ئېكسپورتتا ئاقساش كۆرۈلگەن ۋە دۇنيادا ئىقتىسادى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاينىڭ 28 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولدى.

1130024
2018- يىلى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن يىلى (2018) 2017-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %6.6 ئاشقانلىقىنى ۋە نىشان قىلىنغان ئىقتىسادىي ئېشىش سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 90 تىرىلىيون يۈەن (تەخمىنەن 13.28 تىرىلىيون دوللار) دىن ئاشقانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ 2018-يىلى 2017-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا بىرىنچى چارەكتە %6.8، ئىككىنچى چارەكتە %6.7، ئۈچىنچى چارەكتە %6.5 ۋە تۆتىنچى چارەكتە %6.4 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ %6.6 لىك ئىقتىسادىي ئېشىشى، يېقىنقى 28 يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىش رەقىمى بولۇپ قالدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 2018-يىلى مارت ئېيىدا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلغان يىللىق يىغىندا، 2018-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنىڭ %6.5 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ئىقتىسادى 2017-يىلى %6.9، 2016-يىلى %6.7 ئاشقان ئىدى.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجى 2018-يىلى مارت ئېيىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۆزئارا باياناتلار ۋە بۇلار بىلەن پاراللېل ھالدا داۋاملاشقان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە باشلانغان سودا ئۇرۇشىنىڭ، ئىقتىسادقا بولغان تۇنجى تەسىرلىرىنىڭ 2018-يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نىڭ جىجى سودا ئۇرۇشىنىڭ پەقەت ئامېرىكا بىلەن خىتايغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما ئىقتىسادنىڭ بۇ تەسىرلەرنى يىڭىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر