پاكىستان ئىنسان چېچى ئېكسپورت قىلىشتا دۇنيا بويىچە 5 – ئورۇنغا ئۆتتى

ئىنسان چاچلىرى ھەممىدىن بەك، كەيمە چاچ ياشاستا ۋە چاچ تېكىشتە ئىشلىتىلىدۇ.

1128709
پاكىستان ئىنسان چېچى ئېكسپورت قىلىشتا دۇنيا بويىچە 5 – ئورۇنغا ئۆتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان سودا، توقۇمىچىلىق، سانائەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېلىنما ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇل رەززاق داۋۇد پاكىستاننىڭ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 1 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ئىنسان چېچى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇل رەززاق داۋۇد پارلامىنتا پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىپ، ئەڭ كۆپ چاچ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ رەت بويىچە خىتاي، ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئابدۇل رەززاق داۋۇد خىتايغا تەخمىنەن 105 كېلو چاچ سېتىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن 132 مىڭ دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمئىي چاچ ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

پاكىستان ئىنسان چېچىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 5ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۇنيا چاچ ئېكسپورت نىسبىنىڭ %2 نى پاكىستان ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

چاچ سودىسىدا رەت يوىچە ئامېرىكا 1-، ھىندىستان 2-، خوڭ كۇڭ 3- ۋە سىنگاپور 4ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چاچ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي چاچ ئېكسپورتىنىڭ %42 نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 

ئىنسان چاچلىرى ھەممىدىن بەك، كەيمە چاچ ياشاستا ۋە چاچ تېكىشتە ئىشلىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر