دۇنيا بانكىسى باشلىقى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

دۇنيا بانكىسى باشلىقى جىم يوڭكىم 6 يىلدىن بۇيان ئۆتەپ كېلىۋاتقان ۋەزىپىسىدىن 1 – فېۋرالدا ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1121583
دۇنيا بانكىسى باشلىقى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن كىم يوڭكىم، دۇنيادىكى يوقسۇللۇققا خاتىمە بېرىش يولىدا خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە تولغان بىر ئورگاندا خىزمەت قىلىشنىڭ ئالاھىدە ئىپتىخارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «پۈتكۈل دۇنيا ئېغىر دەرىجىدە يوقسۇللۇق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يوقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپىيىۋاتقان، مۇساپىرلىق ھەم ھەجىمى ھەم مۇرەككەپلىكى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە دۇنيا بانكىسىنىڭ خىزمەتلىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئورگاننىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىش ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ بۇ ئورگانغا ياردەم قىلىش ماڭا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ كاتتا ئەۋزەللىك ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئۇ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشقا بىر شىركەت بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئۈستقۇرۇلما سېلىنمىلىرىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى بويىچە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەسلىي كورېيەلىك ئامېرىكا پۇقراسى كىم يوڭكىم، 2012 – يىلىنى ئىيۇل ئېيىدا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان، 2017 – يىلى ئىككىنچى قېتىم بۇ ۋەزىپىگە سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر