ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىىنلەشتۈرۈۋەتكىنلىكى بىلەن ئەيىبلەپ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىشنى قارارلاشتۇردى.

1106777
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك، تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى 8 – قېتىم ئۇزارتىش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى <مىنىسك كېلىشىمى> نى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە ھېچ ئالغا ئىلگىرىلىمىگەن رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارنامىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.»

رۇسىيە 2014 – يىلى 18 – مارت كۈنى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىۋاستوپولنى قانۇنسىز ھالدا بېسىۋالغانىدى.

قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2014 – يىلى تۇنجى قېتىم رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇرغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇددىتى ئۇزارتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولار سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت رۇسىيەگە قورال - ياراغ ساتالمايدىكەن. رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان بەزى تېخنولوگىيەلەرنى سېتىۋالالمايدىكەن. رۇسىيەنىڭ رەسمىي بانكىلىرى ياۋروپادىكى پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدە چەتكە قېقىلىدىكەن.

سودا ۋە سېلىمىلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەۋجۇت ئېمبارگولارنىىڭ مۇددىتى 2019 – يىلى 31 – يانۋار كۈنى توشاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مال – مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە ساياھەت چەكلىمىسىدىن تەشكىل تاپىدىغان قوشۇمچە ئېمبارگولىرىمۇ كۆپ ساندىكى رۇسلار ۋە  يۇقىرى دەرىجىلىك ئايرىمچى رەھبەرلەرگە قارىتىلغان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر