ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خې ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن ۋە سودا ئىشلىرى ۋەكىلى روبېرت لايتھايزېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1104720
ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ، تېلېفون سۆھبىتىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 30 – نويابىر ۋە 1 – دېكابىر كۈنلىرى ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە ئىجرا قىلىنغۇسى پىلانلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا شى جىنپىڭ بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاينىڭ  ئۆزئارا ئۇدا 90 كۈن يېڭى تاموژنا بېجى تۈزۈمىنى يولغا قويماسلىق مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر