رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) يىغىنىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايىتىش قارارى دائىرىسىدە، 2019-يىل يانۋار ئېيىدىن باشلاپ قەدەممۇ قەدەم ئازايتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1104961
رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك موسكۋادا بايانات ئېلان قىلىپ، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كۈنلۈكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قەدەممۇ قەدەم ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يانۋار ئېيىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايىتىشنىڭ كىلىمات ۋە تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «شىركەتلەردىن تەكلىپلىرىنى ئالىمىز. تەخمىنلىرىمىزگە ئاساسلانغان ۋاقتىمىزدا، ئىشلەپچىقىرىشىمىزنى 2018-يىلنىڭ ئۆكتەبىر سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا كۈنلۈكى 50 مىڭدىن 60 مىڭ ۋارىلغىچە ئازايتىش يولىدا ئىلگىرىلەيمىز» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك OPEC ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر يىغىنىدا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۈنلۈكى 1.2 مىليون ۋارىل ئازايتىش قارارى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنشغان ئىدى.

رۇسىيە كېلىشىم رامكىسىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنلۈكى 228 مىڭ ۋارىل ئازايتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر