مازار شەرىف - كابۇل - پېشاۋۇر تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى كېلىشىمى تۈزۈلدى

ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، ئافغانىستان ۋە پىرېزىدېنتنىڭ تۆمۈر يول ئىدارىلىرى ئەمەلدارلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تەشكەنتتە يىغىن چاقىرىپ، «مازار شەرىف – كابۇل – پېشاۋۇر» تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1104504
مازار شەرىف - كابۇل - پېشاۋۇر تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى كېلىشىمى تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تۆمۈر يولى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ تۆمۈر يول ئىدارىلىرى ئەمەلدارلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تەشكەنتتە يىغىن چاقىرىپ، «مازار شەرىف – كابۇل – پېشاۋۇر» تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

يىغىندا، مەزكۇر يېڭى تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەرەپلەر ئارىسىدا ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە مالىيە مەنبەسى شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. باياناتقا قارىغاندا، ياۋروپا، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان «مازار شەرىف – كابۇل – پېشاۋۇر» يېڭى تۆمۈر يولى رايوننىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىكەن ۋە ئافغانىستان قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە كۈچ قوشىدىكەن.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ 2017 – يىلى دېكابىردا ئېلىپ بارغان تاشكەنت زىيارىتى جەريانىدا، ئۆزبېكىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدا ئۇزۇنلۇقى 760 كىلومېتىر كېلىدىغان «مازار شەرىف – كابۇل – پېشاۋۇر» تۆمۈر يولى ياساپ چىقىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانىدى.

ئۆزبېكىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندا «ھايراتان – مەزار شەرىف» تۆمۈر يولىنى ياساپ چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر