فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن نامايىشلارئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ
فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۇنو لې مائىرې، سېرىق چاپانلىقلار نامايىشلىرىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ 2018 – يىلىنىڭ ئۈچىنچى چارەكلىك ئېشىش نىسبىتىگە %0.1 سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۇنو لې مائىرې، ETL رادىيوسىغا بايانات بېرىپ، 17 – نويابىردا باشلانغان نامايىشلارنىڭ فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارەكلىك ئېشىش نىسبىتىگە %0.1 لىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ جەرياندا، شەنبە كۈنىدىكى نامايىشلار يۈزىسىدىن سودا مەركەزلىرىگە بارىدىغان خېرىدارلار سانىنىڭ %17 تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «سېرىق چاپانلىقلار»نىڭ شەنبە كۈنىدىكى نامايىشلىرىغا 136 مىڭ ئادەم ئىشتىراك قىلغان. يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەسناسىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ساقچى پونكىتلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان، 1700 دىن ئارتۇق ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 17 – نويابىردا باشلىنىپ، ئارقىدىن ماكرون ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەبكە ئايلىنىپ كەتكەن «سېرىق چاپانلىقلار» نامايىشلىرى، يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ شىددەتلىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.