تۈركىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرى ئالدىنقى 100 شىركەت ئىچىگە كىردى

تۈركىيە 2017-يىلى دۇنيا قورال-ياراغ سانائىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

1104006
تۈركىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرى ئالدىنقى 100 شىركەت ئىچىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە قورال-ياراغ شىركەتلىرىنىڭ 2017-يىلدىكى ئېكسپورتى %24 ئاشقان بولۇپ، ھەربىي ئېلېكتىرون سانائىتى ئاسەلسان (ASELSAN) بىلەن تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى ئالدىنقى قاتاردىكى 100 شىركەت ئىچىگە كىرگەن.

دوكلاتتا، ھىندىستان بىلەن بىرازىلىيەنىڭمۇ 2017-يىلى ئەڭ كۆپ قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن بىرازىلىيەنىڭ ئېمبرېيىر شىركىتى (Embraer) نىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 شىركەت ئىچىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، دۇنيا قورال-ياراغ سانائىتىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن قالسا رۇسىيە شىركەتلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرتىلىشىچە، 2017-يىلى مەركىزىي ئامېرىكاغا جايلاشقان 42 شىركەت ئالدىنقى قاتاردىكى 100 شىركەت ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 226.6 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت ھەجىمى بىلەن، دۇنيا قورال-ياراغ سودىسىنىڭ %57 نى ئىگىلىگەن. رۇسىيە شىركەتلىرى ئالدىنقى قاتاردىكى 100 شىركەت ئىچىدە %9.5 نى ئىگىلىگەن. 2017-يىلى رۇسىيەنىڭ 10 شىركىتى ئېكسپورتىنى %8.5 ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي قىممىتىنى 37.7 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر