ئىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى

ئىراق، كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 139 مىڭ ۋارىل قىسقارتىشنى قارار قىلدى.

1103165
ئىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ۋە تەشكىلاتقا ئەمەس نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارىغا ئاساسەن، كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 139 مىڭ ۋارىل قىسقارتىشنى قارار قىلدى.

ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى سامىر غەدبان يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئوپېك ۋە تەشكىلاتقا ئەزا ئەمەس ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارى دائىرىسىدە، دۆلىتىنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى 139 مىڭ ۋارىل قىسقارتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا چاقىرىلغان 5 – نۆۋەتلىك ئوپېك ۋە ئوپېكقا ئەمەس دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئوپېكنىڭ كۈنلۈك 800 مىڭ ۋارىل، ئوپېكقا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ كۈنلۈك 400 مىڭ ۋارىل ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللانغانىدى.

بۇ دائىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۈنلۈك 500 مىڭ ۋارىل، رۇسىيەنىڭ 228 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر