نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىتنى قىسىشنى قارارلاشتۇردى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن سىرتقى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەخت ۋىيانادا چاقىرىلغان يىغىنىدا، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللاندى.

1103011
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىتنى قىسىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى كونفېرانسىنىڭ باشلىقى سۇھەيل بىن مۇھەممەد ئەلمەزرۇئى، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن سىرتقى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەخت ۋىيانادا چاقىرىلغان 5 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇزاكىرىلەرنىڭ مۆلچەرلىدىكىدىنمۇ ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنى، ئاخىرىدا مۇھىم قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەشكىلاتىمىز كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىدارىنى 800 مىڭ ۋارىل قىسىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىدى. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سىرتقى دۆلەتلەرمۇ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى  400 مىڭ ۋارىل ئازايتىشنى قارارلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىي كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1 مىليون 200 ۋارىل قىسىش قارارى چىقىرىلغان بولدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ قىسىش توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلىشتىن سىرت يەنە، مەزكۇر قارارنىڭ 2019 – يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئۇدا 6 ئايغىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 175 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنى، تەشكىلاتقا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ  ئېنېرگىيە ۋە نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تۈنۈگۈن باشلانغان، پىلانلانغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بىكار قىلىنغانىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر