تۈركىيە - رۇسىيە ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنى باشلاندى
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەمكارلىقىدا چاقىرىلغان تۈركىيە - رۇسىيە ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنى بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىدىغان بۇ يېغىن، «كەلگۈسىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمەتلىرىدە تەبىئىي گاز» ۋە «تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدە تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنىڭ رولى» تېمىلىق 2 ئولتۈرۈشتىن تەشكىل تاپىدۇ.
دەسلەپكى ئولتۇرۇشنىڭ رىياسەتچىلىكىنى رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇئاۋىن مۇدىرى ماكسىم فىلىمونوۋ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى ئولتۇرۇشىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى بولسا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇئاۋىن باش تەھرىرى بارىش ساغلام ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناسقاراگۆل، ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى ئېننېرگىيە شىركەتلىرى بىرلىكى گىندوكاربون ئىشلىرى مۇدىرى دوكتور سۆھبەت كاربۇر، ئېنېرگىيە بازارلىرى ۋە سىياسەتلىرى ئىنسىتېتۇتى باشلىقى ۋولقان ئۆزدېمىر ۋە تۈركىيە تەبىئىي گاز تارقاتقۇچىلار بىرلىكى ئىدارىي ئىشلار كېڭىشى باشلىقى ياشار ئارسلان قاتنىشىدۇ.
رۇسىيەگە ۋاكالىتەن، «EastWest» ئېنسىتېتۇتى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى دانىلا بوچكارېۋ، رۇسىيە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى فوندى باش مۇدىرى كونستانتىن سىمىنوۋ، موسكۋا سىكوركوۋا كارخانىچىلىق كەسمىپي مەكتىپى ئېنرگىيە مەركىزىي گاز بۆلىمى باشلىقى دوكتور رومان سامسونوۋ، موسكۋا ئىقتىساد ئالىي مەكتىپى ئېنېرگىيە ئېنستېتۇتى باشلىقى دوكتور ۋىتالىي يەرموكوۋ قاتنىشىدۇ.